TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 15:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە ئىسرائىللار تەرىپىدىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان نېسىۋە بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ كۆتۈرمە ھەدىيەدۇر. بۇلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن سۇنۇلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن ئايرىپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ «ئېگىز كۆتۈرگەن ھەدىيە»سى ھېسابلىنىپ، «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ.

شۇنىڭدەك، لاۋىيلار چىققان ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن كاھىن بولغان بىرسى ئۇلار بىلەن بىللە بولسۇن، لاۋىيلار ئەشۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ خۇدانىڭ ئۆيىگە، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىغا ساقلاشقا تاپشۇرسۇن دەپ بەلگىلىدۇق.