TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 9:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار؛ بىرىنچى كۈنى ئۆيۈڭلاردىن [بارلىق] خېمىرتۇرۇچلارنى يوق قىلىڭلار؛ چۈنكى كىمكى بىرىنچى كۈندىن تارتىپ يەتتىنچى كۈنگىچە بولدۇرۇلغان نان يېسە، شۇ كىشى ئىسرائىل قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

كىمكى ئۇنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرقانداق بىر خۇشبۇينى ياسىسا، ئۇ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن.

ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.

بىرسى تاغىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا تاغىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئىككىلىسى ئۆز گۇناھىنى ئۆز بېشىغا ئالىدۇ؛ ئۇلار پەرزەنتسىز ئۆلىدۇ.

ھەمدە سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىركىم ئۆز خۇداسىنى ھاقارەتلەپ قارغىسا ئۆز گۇناھىنى تارتىدۇ.

لېكىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئىش كۆرگەن كىشى، مەيلى ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ھامان ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ.

ئۇلار بۇزۇقلۇقۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ، ۋە سىلەر مەبۇدلىرىڭلارغا چېتىشلىق بولغان گۇناھلارنى كۆتۈرىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.

ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس،