ئايۇپ 4:8
TSK
مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار، ئوخشاشلا ھوسۇل ئالىدۇ.
TSK
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار، ئوخشاشلا ھوسۇل ئالىدۇ.
توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ يانغان ئادەم ھامان ئۆز يولىدىن تويار؛ ياخشى ئادەم ئۆز ئىشىدىن قانائەتلىنەر.
ھەققانىيلارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئەمللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ؛
ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان.
شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۈستىگە تۆكىمەن؛ غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.