TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 12:28

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلاردا ھايات بىلەن ياخشىلىق، ئۆلۈم بىلەن يامانلىقنى قويدۇم؛

كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ.

ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.

ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛ يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار.

گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛

بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھتىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ قۇللىرى بولغان ئىكەنسىلەر، سىلەردە ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىككە ئېلىپ بارىدىغان مېۋە بار، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.

[خۇدانىڭ] ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر، ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدىن تۇغۇلغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلسەڭلار كېرەك.

ئى سۆيۈملۈك [دوستۇم]، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئالغىن. ياخشىلىق قىلغۇچى خۇدادىندۇر. يامانلىق قىلغۇچى خۇدانى ھېچ كۆرمىگەندۇر.