سېنىڭ نامىڭ ئەبەدگىچە ئۇلۇغلىنىپ: ــ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان خۇدادۇر، دەپ ئېيتىلسۇن، شۇنداقلا ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-سۇلالىسى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 12:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پادىشاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدە چىقىرىلغاندا، كىشىلەر ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى دارغا ئېسىپ قويۇشتى.
بىراق رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرىدىن كېتىدۇ، ئۇلارغا قېچىشقا ھېچ يول قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس».
ئۇنىڭ ياسىغان ئۆيى پەرۋانىنىڭ غوزىسىدەك، ئۈزۈمزارنىڭ كۆزەتچىسى ئۆزىگە سالغان كەپىدەك بوش بولىدۇ.
بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، مانا، ئۇ يوق بولدى؛ مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ.
يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
ھەربىر دانا ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار؛ ئەخمەق ئايال ئائىلىسىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلار.
پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار.
ئەمدى ھەربىرى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان پەم-پاراسەتلىك كىشىگە ئوخشايدۇ.