TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئابشالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى تەييارلاتتى ھەم ئۆز ئالدىدا يۈگۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى بېكىتتى.

ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛ ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ. چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ.

تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم.

پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.

تەربىيەنى رەت قىلغان ئادەم نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار؛ ئەمما تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ھۆرمەتكە ئېرىشەر.

نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن.

بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن.