TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:29

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

سائۇل بىرنەچچە چاپارمەنلەرنى داۋۇتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ماڭدۇردى. ئەمما داۋۇتنىڭ ئايالى مىقال ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر بۇ كېچە جېنىڭنى ئېلىپ قاچمىساڭ، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسەن، دېدى.

سائۇل چۆرىسىدە تۇرغان خىزمەتكارلىرىغا: ــ ئى بىنيامىنلىقلار، قۇلاق سېلىڭلار! يەسسەنىڭ ئوغلى ھەر بىرىڭلارغا ئېتىزلار بىلەن ئۈزۈمزارلارنى تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ ھەممىڭلارنى مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشى قىلامدۇ؟

ئۇنى سېتىۋېلىشىدىكى مەقسەت، مېنى قورقۇتۇپ، شۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلغۇزۇپ گۇناھ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنداق قىلغان بولسام، نامىمنى بۇلغاپ مېنى قارىلاشقا شىكايەت قىلالايدىغان بولاتتى.

ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر؛ بىراق يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرار.