TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 17:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

فىلىستىيلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلاۋاتاتتى. فىلىستىيلەر بولسا سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، ئابىناداب، مەلكىشۇئانى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.

ئەمما داۋۇتنىڭ كۈنلىرىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى. داۋۇت ئۇنىڭ توغرۇلۇق پەرۋەردىگاردىن سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ئاچارچىلىق سائۇل ۋە ئۇنىڭ قانخور جەمەتىدىكىلەر سەۋەبىدىن، يەنى ئۇنىڭ گىبېئونلۇقلارنى قىرغىن قىلغىنىدىن بولدى، دېدى.

ۋاپاغا جاپا قىلىدىغانلار بولسا، مەن بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ چۈنكى مەن ياخشىلىقنى كۆزلەپ، ئىنتىلىمەن.

مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى شىكايەتچى بولدى، مەن بولسام ــ دۇئاغا بېرىلدىم.

ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جېنىم ئۈچۈن ئورا كولىغان؛ مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ، غەزىپىڭنى ئۇلاردىن ياندۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا [دۇئا قىلىپ] تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.

پۈتۈن خەلق جاۋابەن: ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى.

ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىڭلار.