TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن يۈسۈپ ئۇلارنى: ــ قېنى، ماڭا يېقىن كېلىڭلار، دەپ چاقىرىدى. ئۇلار يېقىن كەلدى، ئۇ يەنە: ــ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن.

ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى: ئاركىلىق ھۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاھىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىدىن ياخشى ئىكەن، دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئابشالومنىڭ بېشىغا بالا كەلسۇن دەپ، ئاھىتوفەلنىڭ ياخشى مەسلىھەتىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى بېكىتكەنىدى.

بىراق ئۇنىڭ بولسا بىرلا مۇددىئاسى باردۇر، كىممۇ ئۇنى يولىدىن بۇرۇيالىسۇن؟ ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى قىلىدۇ.

پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ پىلانىنى توسىۋېتىدۇ؛ ئۇ قوۋملارنىڭ خىياللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.

ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛ ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە-مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر.

ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛ ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر.

پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر.

«بىز يەھۇداغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر پادىشاھنى، يەنى تابەئەلنىڭ ئوغلىنى تىكلەيلى!» دېگەنىدى.

مانا بۇ پۈتكۈل يەر يۈزى توغرۇلۇق ئىرادە قىلىنغان مەقسەتتۇر، مانا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئۇزارتىلغان قولدۇر.

شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەردىكى «بىز يات ئەللەردەك، باشقا يۇرتلاردىكى جەمەتلەردەك ياغاچ ھەم تاش مەبۇدلارغا چوقۇنىمىز» دېگەن كويۇڭلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ!

ئۇ خالايىقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ باي ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئاتىلىرى ياكى ئاتىلىرىنىڭ ئاتىلىرى زادى قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنى ئۇ ئولجىنى، غەنىمەتلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقلارنى قول ئاستىدىكىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ مەلۇم بىر مەزگىلگىچە قورغانلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىش قەستىدە بولىدۇ.

ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار.

ئەمدى سىلەرگە نەسىھىتىم شۇكى: بۇ كىشىلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار. چۈنكى ئەگەر بۇ ئېقىم ياكى بۇ ئىش پەقەت ئىنساندىن كەلگەن بولسا، جەزمەن يوققا چىقىدۇ.

شۇنىڭدەك خۇدا، ئۆز ۋەدىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا ئۆز نىشان-مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇقراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى.

چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇنۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن تانغان ئادەملەردۇر.