TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 2:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ،

مانا، سۆزۈڭ بويىچە شۇنداق قىلدىم. مانا ساڭا شۇنداق دانا ۋە يورۇتۇلغان قەلبنى بەردىمكى، سەندىن ئىلگىرى ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمىغان، سەندىن كېيىنمۇ ساڭا ئوخشايدىغىنى بولمايدۇ.

خۇدا سۇلايماننىڭ كۆڭلىگە سالغان دانالىقنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئارزۇسى بىلەن كېلەتتى.

ئەمدى سەن ئەي ئەزرا، خۇدايىڭنىڭ سەندە بولغان ھېكمىتىگە ئاساسەن، دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدە خۇدايىڭنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى بىلگەن، بارلىق خەلقنىڭ دەۋاسىنى سورايدىغان، ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان سوراقچى ۋە ھاكىملارنى تەيىنلىگىن؛ ۋە تەۋرات-قانۇنىنى بىلمەيدىغانلارغا بولسا، ئۇلارغا بۇلارنى ئۆگىتىڭلار.

ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛ ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى مۇكەممەلدۇر، ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى يېڭىلايدۇ؛ پەرۋەردىگار بەرگەن ھۆكۈم-گۇۋاھلار مۇقىم-ئىشەنچلىك ، ئۇ نادانلارنى دانا قىلىدۇ.  

ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، ئىنسانغا ئەقىل-بىلىم ئۆگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەيىبلىمەمدۇ؟

ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛

چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر.

چۈنكى ئۇ ئۆز نەزىرىگە ياقىدىغان ئادەمگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىقنى ئاتا قىلىدۇ؛ بىراق گۇناھكار ئادەمگە ئۇ مال-مۈلۈك يىغىپ-توپلاشقا جاپالىق ئەمگەكنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يىغىپ-توپلىغىنىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى بولغانغا تاپشۇرىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.

سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ؛ بالىلىرىڭنىڭ ئارام-خاتىرجەملىكى زور بولىدۇ!

ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ.

چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن.

تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي،

بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ.