TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 21:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن مەن مىسىر زېمىنىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن.

پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قورەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ

ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى ھەم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇلارغا مايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىنى قۇرۇشقا ئۇلارنىڭ قولىنى مۇستەھكەملىدى.

ئى رەببىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسىغا ھەم سېنىڭ نامىڭدىن ئەيمىنىشتىن سۆيۈنگەن قۇللىرىڭنىڭمۇ دۇئاسىنى قۇلىقىڭ تىڭشىغاي؛ بۈگۈن قۇلۇڭنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايسەن، ئۇنى شۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرگەيسەن». شۇ ۋاقىتتا مەن پادىشاھنىڭ ساقىيسى ئىدىم.

ۋە يەنە پادىشاھلىق ئورمانلىقىغا قارايدىغان ئاسافقا مۇقەددەس ئۆيگە تەۋە بولغان قەلئەنىڭ دەرۋازىلىرى، شۇنىڭدەك شەھەرنىڭ سېپىلى ۋە ئۆزۈم تۇرىدىغان ئۆيگە كېتىدىغان لىملارنى ياساشقا كېرەكلىك ياغاچلارنى ماڭا بېرىش توغرۇلۇقمۇ بىر يارلىقنى پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا، دېدىم. خۇدايىمنىڭ شەپقەتلىك قولى ئۈستۈمدە بولغاچقا، پادىشاھ ئىلتىپات قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا بەردى.

يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ.   

ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] قەلبىدە ئۆز خەلقىگە نەپرەت ھاسىل قىلدى، ئۇلارنى ئۆز قۇللىرىغا ھىيلە-مىكىرلىك بولۇشقا مايىل قىلدى.

دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى، ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛

كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛ بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر.

ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟

چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول، دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛

ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئەرشتىكى قوشۇنلار ۋە زېمىندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىنى كىم توسالىسۇن ياكى ئۇنىڭدىن «نېمە قىلىسەن؟» دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟

ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى.