TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 24:12

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىغا ياكى بويىغا قارىمىغىن. مەن ئۇنى شاللىۋەتتىم، چۈنكى خۇدا ئىنسان كۆرگەندەك كۆرمەيدۇ؛ ئىنسان بولسا سىرتقى قىياپىتىگە قارايدۇ، لېكىن پەرۋەردىگار قەلبگە قارايدۇ، دېدى.

چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆز يولى بويىچە تېگىشلىك نېسىۋە تاپقۇزىدۇ.

سەن مېنىڭ قەلبىمنى سىنىغانسەن، سەن كېچىدىمۇ ماڭا يېقىنلىشىپ كۆزەتتىڭ؛ سەن مېنى تاۋلاپ كۆزۈڭدىن كەچۈردىڭسەن، مېنىڭدىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىدىڭ؛ كۆڭلۈمدە: ئاغزىم ئىتائەتسىزلىك قىلمىسۇن! ــ دەپ نىيەت قىلدىم.

ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛ چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن.

ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛ سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ!

چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر، ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ.

ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى پاك دەپ بىلەر؛ لېكىن قەلبدىكى نىيەتلەرنى پەرۋەردىگار تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر.  

سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ياكى يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەق-ئادالەتنى زوراۋانلارچە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛ چۈنكى مەنسەپداردىن يۇقىرى يەنە بىرسى كۆزلىمەكتە؛ ۋە ئۇلاردىنمۇ يۇقىرىسىمۇ باردۇر.

ئوي-نىشانلىرىڭدا ئۇلۇغ، قىلغان ئىشلىرىڭدا قۇدرەتلىكسەن؛ كۆزلىرىڭ بىلەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز يوللىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە ھەربىرىگە [ئىنئام ياكى جازا] قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزلىگۈچىدۇرسەن؛

ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.

چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ۋۇجۇدىمىز باردۇر؛ ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك: «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!».

ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، [يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ].  

چۈنكى تەندە قىلغان ئەمەللىرىمىزنى، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن، ھەربىرىمىزگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھازىر بولۇشىمىز لازىم بولىدۇ.

ھەمدە ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، ئەمما مانا، مەن ئەبەدىلئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارانىڭ ئاچقۇچلىرى قولۇمدىدۇر!

ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن. شۇ چاغدا، بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ.   

«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.