TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 25:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەمما ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلەردىن بولسا، ئەندىشە قىلمىغىن؛ ئۇلار تېپىلدى. ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئارزۇسى كىمگە مايىل؟ ساڭا ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.

ئەمما داۋۇت سائۇلغا: ــ مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئارىسىدا نېمە ئىدى، مەن قانداقمۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولاي؟ ــ دېدى.

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس، نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛ مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ، ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛

ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛ بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر.

مەن بولسام: ــ ئاپلا، پەرۋەردىگار! مەن گەپ قىلىشنى بىلمەيمەن؛ چۈنكى مەن گۆدەك بالىدۇرمەن، دېدىم.