TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 26:27

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاماننى ئۇ موردىكايغا تەييارلاپ قويغان دارغا ئاستى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.

ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا يىقىلىپ چۈشتى.

ئەللەر بولسا ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا ئۆزلىرى چۈشۈپ كەتتى، ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا پۇتى قاپسىلىپ قالدى.

ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرسا، ئۆزى كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر؛ بىراق پاك-دىيانەتلىك ئادەم ياخشىلىققا مىراسخور بولار.

چۈنكى يېرۇسالېم پۇتلىشىدۇ-چۈشكۈنلىشىدۇ، يەھۇدا بولسا يىقىلىدۇ؛ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە ئىللەتلىرى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىپ، شەرەپ ئىگىسىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ئىسيانكارلىق قىلدى.