كۆڭلۈڭدە نامرات قېرىندىشىڭدىن ئاغرىنىپ: يەتتىنچى يىل، يەنى «خالاس يىلى» يېقىنلاشتى، دەپ رەزىل ئويدا بولۇشتىن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بەرمەسلىكتىن ھېزى بول؛ شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈشى بىلەن بۇ ئىش ساڭا گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 30:10
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئاندىن سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان دوئەگ: ــ «مەن يەسسەنىڭ ئوغلىنىڭ نوبقا ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ قېشىغا كەلگىنىنى كۆردۈم،
ئەمدى غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. پەرۋەردىگار سىلىنى ماڭا قارشى قوزغاتقان بولسا بىر ھەدىيە-قۇربانلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى رازى قىلغاي؛ لېكىن ئىنسان بالىلىرى بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمدى مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قىلىپ، مېنى باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل، دېگىنى بولىدۇ.
داۋۇت تاغنىڭ چوققىسىدىن ئەمدىلا ئۆتۈشىگە مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا ئىككى يۈز نان، بىر يۈز كىشمىش پوشكىلى، يۈز يازلىق مېۋە پوشكىلى ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئىككى ئېشەككە ئارتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
پادىشاھ يوئاش زەكەرىيانىڭ ئاتىسى يەھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن شەپقىتىنى ياد ئەتمەك تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. زەكەرىيا جان ئۈزۈش ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى نەزىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالسۇن! ــ دېدى.
بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس.
يەنە، خەقلەرنىڭ ھەممىلا گەپ-سۆزلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمە؛ بولمىسا، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
ئاندىن ئۇلار پادىشاھقا جاۋابەن: ــ يەھۇدادىن ئەسىر ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەردىن ھېلىقى دانىيال، ئى ئالىيلىرى، سىلىنى ۋە سىلى ئىمزا قويغان پەرماننى كۆزگە ئىلمايدۇ، بەلكى ھەر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆز دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى.
باشقا بىرسىنىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى سەن كىم ئىدىڭ؟ خىزمەتكارنىڭ تىك تۇرۇشى ياكى يىقىلىپ كېتىشىگە پەقەتلا ئۆز خوجايىنى مەسئۇلدۇر. ھەمدە [شۇ خىزمەتكارمۇ] تىك تۇرىدىغان قىلىنىدۇ ــ چۈنكى [خۇجايىنى] رەب ئۇنى تىك تۇرغۇزۇشقا قادىردۇر.