ئۇ قۇياش چىققاندىكى تاڭ نۇرىدەك، بۇلۇتسىز سەھەردەك بولىدۇ، يامغۇردىن كېيىن ئاسمان سۈزۈك بولۇشى بىلەن، يۇمران مايسىلار تۇپراقتىن چىقىدۇ، مانا ئۇ شۇنداق بولىدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 4:18
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن.
ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛
ھەققانىينىڭ يولى بولسا تۈزدۇر؛ ئى ئەڭ تۈز يوللۇق بولغۇچى، سەن ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى ئوڭ قىلىسەن.
ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!».
سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ.
شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ قۇياشىنىڭ نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ ۋە يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ، يامغۇرنىمۇ ھەققانىيلارغىمۇ، ھەققانىيەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.
ۋە بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر).
شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياشقا ياكى ئايغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنى يورۇتقانىدى، ئۇنىڭ چىرىغى بولسا قوزىدۇر.