TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 5:20

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن سۇلايمان پادىشاھنىڭ كۆڭلى پىرەۋننىڭ قىزىدىن باشقا كۆپ چەتئەللىك ئاياللارغا، جۈملىدىن موئابىي، ئاممونىي، ئېدومىي، زىدونىي، ھىتتىي ئاياللىرىغا چۈشكەنىدى.   

ئۇلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن ساقلىغۇچى، يات خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن يىراق قىلغۇچىدۇر.

زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛ پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر.

كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ.

چۈنكى مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ شۇڭا قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىڭلار ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار!