TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 5:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا: ــ ماڭا كۆڭلۈڭ يوق تۇرۇپ، قانداقسىگە ساڭا ئاشىق بولدۇم، دەيسەن؟ سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئالداپ، كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ نەدىن بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭغۇ، ــ دېدى.

جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛ مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن! ئادەم بالىلىرى ــ ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر، ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر!

سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.

چۈنكى خۇدانىڭ سۆز-كالامى جانلىقتۇر ۋە كۈچكە ئىگىدۇر، ھەتتا جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە، ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىن ئىتتىكتۇر، قەلبدىكى ئوي-پىكىر ۋە ئارزۇ-نىيەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر.