TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 6:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

«كىمكى گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھەق ئالسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.

چۈنكى [ماناسسەھنىڭ] ناھەق قان تۆكۈپ، يېرۇسالېمنى ناھەق قانلار بىلەن تولدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار [يەھۇدالارنى] ئەپۇ قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمايتتى.

بىراق مەن بولسام، مېھرى-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛ ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛

چۈنكى ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بىراق تەكەببۇر كۆزلەرنى شەرمەندە قىلىسەن؛

شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، زورلۇق-زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.

ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن، ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن.

ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛ يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى!

ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛ ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.

ئەخمەق يارىشىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس؛ مۆتىۋەر يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس.

ساختا تىل ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرگە نەپرەتلىنەر؛ خۇشامەت قىلغۇچى ئېغىز ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرەر.

قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى.

ئۇلارنىڭ چىرايى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ ئۇلار سودوم شەھىرىدەك گۇناھىنى ھېچ يوشۇرماي، ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلايدۇ. ئۇلارنىڭ جېنىغا ۋاي! ئۇلار يامانلىقنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرگەن!

چۈنكى قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار قەبىھلىك بىلەن مىلەنگەن، لەۋلىرىڭلار يالغان گەپ ئېيتقان، تىلىڭلار كالدىرلاپ قېرىشىپ سۆزلىگەن؛

سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر.   

شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.