پادىشاھلارنىڭ مەلىكىلىرى ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر؛ خانىشىڭ ئوفىردىكى ساپ ئالتۇن [زىبۇ-زىنەتلەرنى] تاقاپ ئوڭ قولۇڭدا تۇرىدۇ؛
TSK
TSK · ۋەھىي 21:2
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سېنىڭ شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! سېلاھ.
ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال، ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال؛ چۈنكى بۇندىن باشلاپ سۈننەت قىلىنمىغانلار ياكى ناپاكلار ئىچىڭگە ئىككىنچى كىرمەيدۇ.
ــ «مەن پەرۋەردىگارنى زور شاد-خۇراملىق دەپ بىلىپ شادلىنىمەن، جېنىم خۇدايىم تۈپەيلىدىن خۇشاللىنىدۇ؛ چۈنكى توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزىگە «كاھىنلىق سەللە» كىيىۋالغاندەك، توي قىلىدىغان قىز لەئەل-ياقۇتلار بىلەن ئۆزىنى پەردازلىغاندەك، ئۇ نىجاتلىقنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ماڭا كىيدۈردى، ھەققانىيلىق تونى بىلەن مېنى پۈركەندۈردى.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ۋە شەھەرلىرىدە خەقلەر يەنە [يېرۇسالېم توغرۇلۇق]: «پەرۋەردىگار سېنى بەختلىق قىلغاي، ئى ھەققانىيلىق تۇرغان جاي، پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ تېغى!» دەيدىغان بولىدۇ.
چۈنكى مەن خۇدادىن كەلگەن ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى [ئازدۇرۇشلاردىن] ھەسەت قىلىمەن؛ چۈنكى قىزنى بىر ئەرگىلا ياتلىق قىلغاندەك، مەن سىلەرنى مەسىھكىلا پاك قىز سۈپىتىدە ھازىر بولۇشقا ۋەدىلەشتۈرگەنمەن.
ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛
ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۇللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرنى كۈتكەنىدى؛ شەھەرنىڭ لايىھىلىگۈچى ھەم قۇرغۇچىسى خۇدا ئۆزىدۇر.
چۈنكى يەر يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت تۇرىدىغان شەھىرىمىز يوق، بەلكى كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز.
مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا [ئۆلكىسىدىكى] يەتتە جامائەتكە سالام! ھازىر بار بولغان، ئۆتكەندىمۇ بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن
غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەنكى، ئۇ ئۇ يەردىن ئەسلا چىقمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن ــ خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن.
شادلىنايلى، تەنتەنە قىلايلى ۋە ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى قوزىنىڭ توي-مەرىكە كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى!»
كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.