ئاندىن ئۇ دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ باردى. مانا، شۇ يەردە ئېتىقادچى يەھۇدىي بىر ئايالنىڭ ئوغلى، تىموتىي ئىسىملىك بىر مۇخلىس بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى.
TSK
TSK · رىملىقلارغا 16:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە ياردەمدە بولۇۋاتقانلاردىن تىموتىي بىلەن ئېراستۇس ئىككىيلەننى ماكېدونىيەگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە تۇردى.
مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر.
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بېكىتىلگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىنداش بولغان تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، خۇدانىڭ جامائىتىگە ۋە شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئاخايا ئۆلكىسىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام!
ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام!
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىنداش تىموتىيدىن، كولوسسى شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى سادىق قېرىنداشلارغا سالام! خۇدا ئاتىمىزدىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە بولغاي!
ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىدە بولۇۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى سىلەرنى ئېتىقادتا مۇستەھكەملەش-كۈچەيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق؛
مەنكى پاۋلۇس، سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدە بولغان، تېسالونىكا شەھىرىدىكى جامائەتكە سالام.
ئەمما سەن، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق قاچ؛ ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۆمىن-مۇلايىملىقنى ئىنتىلىپ قوغلا.