ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: ــ سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن.
TSK
TSK · رىملىقلارغا 4:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
يارىتىلىش 17:4
TSK
يارىتىلىش 22:17
TSK
ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ.
يارىتىلىش 49:10
TSK
شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ.
زەبۇر 72:11
TSK
دەرۋەقە، بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ؛ پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛
شۇنىڭدەك، [خۇدانىڭ ئەھدىسىدىكى] ۋەدىلەر ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئېيتىلغان. [مۇقەددەس كىتابتا] ئۇ: «ۋە سېنىڭ نەسىللىرىڭگە»، (يەنى، كۆپ كىشىلەرگە) دېمەيدۇ، بەلكى «سېنىڭ نەسلىڭگە»، (يەنى يالغۇز بىر كىشىگىلا)، دەيدۇ ــ بۇ «نەسىل» مەسىھدۇر.