TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «1» 21:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ مالىيى سەھەردە تۇرۇپ چىقسا، مانا، بىر ئاتلىقلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرى قوشۇنى شەھەرنى قورشىۋالغانىدى. مالاي ئۇنىڭغا: ئاپلا، ئى غوجام، قانداق قىلارمىز؟ ــ دېدى.

لېكىن ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئودەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى؛ ئۇ سامارىيەگە قايتىپ كەلگەن قوشۇننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەھۇدالارنى ئاچچىقىدا سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇردى ۋە سىلەر پەلەككە يەتكەن قەھرى-غەزەپ بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭلار.

«سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!».

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي؛ بۇ [كۈي] ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى بات-شېبا بىلەن بولغان زىناخورلۇقى توغرۇلۇق ئەيىبلىگەندىن كېيىن يېزىلغان: ــ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن، ئى خۇدا، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! رەھىمدىللىقلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئاسىيلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن!  

دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ياخشىدۇر؛ مول رەھىمدىللىقىڭ بىلەن ماڭا يۈزلەنگەيسەن؛

ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ.

مىسىردا تۇرغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۆجىزىلىرىڭنى نەزىرىگە ئالماي، كۆپ مېھرىبانلىقلىرىڭنى ئېسىگە ئالمىدى؛ بەلكى دېڭىزدا، قىزىل دېڭىز بويىدا ئىسيان كۆتۈردى.

بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛ شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ.

ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛ ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر.

مەن ئۆز خەلقىمدىن غەزەپلەندىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مىراسىمنى بۇلغىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ سەن بولساڭ ئۇلارغا ھېچقانداق رەھىم كۆرسەتمىدىڭ؛ ياشانغانلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئىنتايىن ئېغىر قىلىپ سالدىڭ؛

«مەن پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەتلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيەگە لايىق قىلغانلىرى، ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەپقەتلىرىگە ئاساسەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى، ئىسرائىل جەمەتىگە ئىلتىپات قىلغان زور ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛

ئۇ پەرۋەردىگارغا: — «ئاھ، پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدىكى چاغدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى دېمىگەنمىدىم؟ شۇڭا مەن ئەسلىدە تارشىشقا قاچماقچى بولغانمەن؛ چۈنكى مەن بىلىمەنكى، سەن مېھىر-شەپقەتلىك، رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، چوڭقۇر مېھرىبانلىققا تولغان، كىشىلەرنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرۈشتىن يانغۇچى خۇدادۇرسەن.

«پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنىپ قورقتۇم. ئى پەرۋەردىگار، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى قايتىدىن جانلاندۇرغايسەن، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن؛ دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!

مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛