TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «1» 21:26

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ــ سەن مەن ئۈچۈن تۇپراقتىن بىر قۇربانگاھ ياساپ، شۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭنى، قوي-ئۆچكە بىلەن كالىلىرىڭنى سۇنغىن. ئومۇمەن مەن خەلققە نامىمنى [ھۆرمەت بىلەن] ئەسلىتىدىغان بارلىق جايلاردا، يېنىڭغا كېلىپ ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن.

پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئوت چىقىپ، قۇربانگاھ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن مايلارنى يۇتۇپ كەتتى. پۈتكۈل خەلق بۇنى كۆرۈپ، توۋلىشىپ، دۈم يىقىلىشتى.

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نانلارغا تەككۈزىۋىدى، [قورام] تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نانلارنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى.

ئىسرائىللار سامۇئىلغا: ــ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىدا قىلىشتىن توختىمىغىن، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى.

سۇلايمان دۇئاسىنى تۈگىتىشىگىلا، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ھەمدە باشقا قۇربانلىقلارنى قويماي كۆيدۈرۈۋەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينى تولدۇردى.

ئۇ ماڭا نىدا قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن؛ ئېغىر كۈن ئۇنى باسقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن؛ مەن ئۇنى خالاس قىلىپ، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن.

يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.

ماڭا ئىلتىجا قىل، مەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن، شۇنداقلا سەن بىلمەيدىغان، بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا ئايان قىلىمەن.