TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «1» 21:30

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەمدى، ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەندىن نېمە تەلەپ قىلىدۇ؟ ــ ھالىڭ ياخشى بولسۇن دەپ مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇ تاپىلىغانلىرىمدىن باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلارمۇ؟ ــ ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئۇنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭ ۋە پۈتكۈل جېنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟

شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «مەن زادى قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلەلەيمەن؟» دېدى.

ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن.

شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشىمەن؛ بۇلارنى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن.

ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن.

كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر.

ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۈستۈمگە تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى: ــ قورقما، ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى