TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 13:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سېنىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەڭ تۇز بىلەن تۇزلىنىشى كېرەك؛ ئاشلىق ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن.

ئەمما ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىھوننى بارلىق خەلقى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. ئاندىن ئىسرائىل شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىگىلىدى.

[يەسسە] ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى كەلتۈردى. ئۇ چىرايىدا قان يۈگۈرۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چىرايلىق ۋە كېلىشكەن يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: ــ قوپۇپ ئۇنى مەسىھ قىلغىن، چۈنكى [مېنىڭ تاللىغىنىم] شۇدۇر! دېدى.

ئەمدى يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئادەملەر سۇرىيلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى چىقتى؛ سۇرىيلەر ئۇنىڭ ئالدىدا قاچتى.

سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا قايتقان ۋاقتىڭدا سېنىڭ نەسلىڭدىن، يەنى ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى سېنىڭ ئورنۇڭنى باسىدىغان قىلىمەن؛ مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن.

ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئاتامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىن مېنى ئەبەدىلئەبەد ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا تاللىدى؛ چۈنكى ئۇ يەھۇدانى يولباشچى بولۇشقا تاللىغان؛ ئۇ يەھۇدا جەمەتى ئىچىدە ئاتامنىڭ جەمەتىنى تاللىغان، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە مەندىن رازى بولۇپ، مېنى پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن؛

ئاندىن مەن ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلار قاملاشماپتۇ. سىلەر دۈشمەنلىرىمىز بولغان تائىپىلەر ئالدىدا بىزنى ئاھانەتكە قالدۇرماي، خۇدايىمىزنىڭ قورقۇنچىدا ماڭساڭلار بولماسمىدى؟

ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن،

شۇ چاغدا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا: «ئۆز تەختىڭگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر ئوغلۇڭ دائىم بولىدۇ» دېگىنىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ ۋە خىزمەتكارلىرىم، كاھىنلار بولغان لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلغان بولىدۇ.

سەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىسەن؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىدۇ ۋە ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ.

ــ ئى ئالىيلىرى، ھەممىدىن ئالىي خۇدا ئاتىلىرى نېبوقادنەسارغا پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بەردى.

مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن.