سەن شۇ تەرىقىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئۇدا يەتتە كۈنگىچە ئۇلارنى كاھىنلىققا تىكلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغىن.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 13:9
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھارۇننى ئوغۇللىرى بىلەن بىللە، ۋە ئۇلارنىڭ مەخسۇس كىيىملىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى، پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتنى ئېلىپ كېلىپ،
ئۇلار ئىگە-تەڭرىسى ئەمەس جىنلارغا، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىلاھلارغا، ئاتا-بوۋىلىرىمۇ قورقمايدىغان، يېڭى پەيدا بولۇپ قالغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلدى.
لېكىن يەروبوئام بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئۆز رەزىل يولىدىن يانماي، بەلكى «يۇقىرى جايلار»غا ھەرخىل خەلقتىن كاھىنلارنى تەيىنلىدى؛ كىم خالىسا، ئۇ شۇنى «مۇقەددەس قىلىپ» [كاھىنلىق مەنسىپىگە] بېغىشلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «يۇقىرى جايلار»دا [قۇربانلىق قىلىشقا] كاھىن بولاتتى.
ئالتۇندىن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولى بىلەن ھەرخىل ياسىلىدىغانلىرىغا كېرەك بولغىنىنى تەقدىم قىلدىم. بۈگۈن يەنە كىملەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بىرنېمە ئاتىغۇسى بار؟».
قايسى بىر ئەل ئۆز ئىلاھلىرىنى (ئۇلار ھېچ ئىلاھ ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئۆزگەرتكەنمۇ؟ لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپى بولغۇچىسىنى بولسا پايدىسىز-بىمەنە بىر نەرسىگە ئالماشتۇرغان.
شۇ نەرسە ئىسرائىلدىن چىققانغۇ ــ ئۇنى بىر ھۈنەرۋەن ياسىغان، خالاس؛ ئۇ خۇدا ئەمەس؛ سامارىيەنىڭ موزىيى دەرۋەقە پارە-پارە چېقىۋېتىلىدۇ!
بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر.