پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا لايىق بولغان شان-شۆھرەتنى ئۇنىڭغا بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىڭلار، پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 20:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يەدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىلغانلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا قويۇلدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر!).
ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇشتى.
پادىشاھ يەنە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگار ئۆيىدە داۋۇتنىڭ، [داۋۇت] پادىشاھنىڭ ئالدىن كۆرگۈچىسى گادنىڭ ۋە ناتان پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاڭجاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار قاتارلىق سازلارنى تۇتۇپ، سەپ بولۇپ تۇرۇشقا تەيىنلىدى (چۈنكى ئەسلىدە بۇ ئەمر پەرۋەردىگاردىن، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تاپىلانغانىدى).
تامچىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا كاھىنلار خاس كىيىملىرىنى كىيىپ، كانايلىرىنى چېلىپ، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان لاۋىيلار جاڭجاڭ چېلىپ، ھەممىسى قاتار-قاتار سەپ بولۇپ تۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار داۋۇت بەلگىلىگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.
ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛
گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى بولغان زىئون تېغىدىن، خۇدا جۇلالىدى.
پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار!
ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى!
يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛ ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار.