TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 21:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا: ــ بەرھەق، بىز ئىنىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؛ ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا چۈشتى، ــ دېيىشتى.

پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا ئۇخلاش ئالدىدا تۇرىسەن؛ ئاندىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، بارىدىغان زېمىندىكى يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مەن ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدىنى بۇزىدۇ.

پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ ئۇ ئۆزى دېگەندەك قىلىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرگىن ۋە ئۇنى دەپنە قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن يوئاب تۆككەن ناھەق قان مەندىن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەي.

ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتتەر بولۇپ يامانلىق قىلدى.

ئاھاب ھەم بىر «ئاشەراھ بۇت»نىمۇ ياساتتى؛ ئاھاب شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىشلىرىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى.

يەھورام ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ئاندىن ئۇ بارلىق ئىنىلىرىنى، شۇنداقلا يەھۇدادىكى بىرقانچە ئەمەلدارلارنى قىلىچلاپ قەتل قىلدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەھورام يەنە يەھۇدانىڭ تاغلىرىدا «يۇقىرى جايلار»نى ياسىتىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى بۇزۇقچىلىققا پۇتلاشتۇردى، يەھۇدالارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردى.

چۈنكى قارا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىپ، يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرماقچى؛ يەر بولسا ئۈستىگە تۆكۈلگەن قانلارنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھامان يېپىۋەرمەيدۇ.

يۇرتنى قان بىلەن، شەھەرنى قەبىھلىك بىلەن قۇرغۇچىغا ۋاي!»