لېكىن زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي ئۇنىڭغا ياردەمگە كېلىپ فىلىستىينى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ: سەن يەنە بىز بىلەن جەڭگە چىقمىغىن! بولمىسا ئىسرائىلنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالىدۇ، ــ دېدى.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 21:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭدىن يىرتىۋەتمەيمەن، بەلكى قۇلۇم داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن ۋە ئۆزۈم تاللىغان يېرۇسالېم ئۈچۈن ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرۇپ قويىمەن».
لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتقا: ــ سېنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭغا «مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان چىراغ» بېرىمەن دېگەن ۋەدىسى تۈپەيلىدىن ئۇ يەھۇدانى خاراب قىلىشنى خالىمىدى.
لېكىن پادىشاھنىڭ قىزى يەھوشېبىيات ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە ئىنىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ يەھورامنىڭ قىزى، (يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى)، [باش] كاھىن يەھۇيادانىڭ خوتۇنى يەھوشېبىيات يوئاشنى ئاتالىيا ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قويدى.
قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىدىن ۋاز كەچتىڭ، ئۇنىڭ تاجىنى يەرگە تاشلاپ داغ تەگكۈزدۇڭ.
مەن بۇ يەردە داۋۇتنىڭ مۈڭگۈزىنى بىخلاندۇرىمەن؛ ئۆزۈمنىڭ مەسىھ قىلغىنىم ئۈچۈن يورۇق بىر چىراغ بېكىتكەنمەن؛
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مېنىڭ كۈندۈز بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ۋە كېچە بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزۇپ، كۈندۈز ۋە كېچىنى ئۆز ۋاقتىدا كەلمەيدىغان قىلىپ قويساڭلار،