ــ ئەگەر مەسىھلەنگەن كاھىن خەلقنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان بىر گۇناھنى قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بىر بېجىرىم ياش تورپاقنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 29:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بالائام بالاققا: — سىلى مۇشۇ يەرگە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ ياسىتىپ بەرسىلە، مۇشۇ يەرگە يەنە يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ ھازىرلاپ بەرسىلە، — دېدى.
بالائام بالاققا: — سىلى بۇ يەردە ماڭا يەتتە قۇربانگاھ سالدۇرۇپ بەرسىلە، يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوشقارمۇ تەييارلاپ بەرسىلە، — دېدى.
شۇ چاغدا ئەسلى ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتقانلار ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن ئون ئىككى تورپاق، توقسان ئالتە قوچقار، يەتمىش يەتتە قوزا سۇندى، يەنە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكە سۇندى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئىدى.
ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، يەنى يەتتە كۈننىڭ ھەربىرىدە يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى، ھەممىسىنى بېجىرىم ھالدا سۇنىدۇ؛ ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى سۇنىدۇ.