TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 35:11

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇلار سېنىڭ بۇيرۇقلىرىڭغا تەييار تۇرۇپ، شۇنداقلا چېدىردىكى بارلىق خىزمەت-ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛ پەقەت مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا ۋە قۇربانگاھقا يېقىنلاشمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلارمۇ، سىلەرمۇ ئۆلۈپ كېتىسىلەر.

ئۇلار بۇقىلارنى بوغۇزلىدى، كاھىنلار قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھقا سەپتى؛ ئاندىن ئۇلار قوچقارلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانگاھقا سەپتى؛ قوزىلارنىمۇ بوغۇزلاپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىمۇ قۇربانگاھقا سەپتى.

ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئاساسەن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ تۇرۇشتى. كاھىنلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىن قاننى ئېلىپ [قۇربانگاھقا] سەپتى.

ئۇ يەنە ئوخشاش يولدا ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردىكى ئىبادەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى.