ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن.
TSK
TSK · پادىشاھلار «2» 12:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سەن ئۆزۈڭگە ئىككى كاناي ياساتقىن؛ ئۇلارنى كۈمۈشتىن سوقتۇر. ئۇلار جامائەتنى يىغىشقا، شۇنداقلا جامائەتنى بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پۇلنى پادىشاھ بىلەن يەھويادانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاپشۇردى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ھەرخىل ئەسۋاب-بۇيۇملارنى، جۈملىدىن ئىبادەت خىزمىتىدىكى ھەرخىل بۇيۇملار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قاچا-قۇچا، قازان-تەخسىلەر ۋە ھەرخىل ئالتۇن-كۈمۈش باشقا بۇيۇملارنى ياساتتى. يەھويادانىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى دائىم سۇنۇپ تۇردى.
ئۇلار تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارغا پۇل تاپشۇردى ۋە شۇنداقلا پارس پادىشاھى قورەشنىڭ ئىجازىتى بىلەن زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلارغا كېدىر ياغىچىنى لىۋاندىن [ئوتتۇرا] دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا يىمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىدى.