ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، جەسىتىڭنى دەرەخكە ئاسىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇچارقاناتلار كېلىپ گۆشۈڭنى يەيدىكەن، ــ دېدى.
TSK
TSK · سامۇئىل «2» 21:10
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىپ، ئۆيۈڭدە ئولتۇرۇپ تولۇق بىر ئاي ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ماتەم توتسۇن؛ ئاندىن سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلىپ ئۇنىڭغا ئەر بولساڭ بولىدۇ.
ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم [دەرەخكە] ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر.
ئەمدى سائۇلنىڭ بىر كىنىزىكى بار ئىدى؛ ئۇ ئاياھنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى رىزپاھ ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنەرگە: نېمىشقا ئاتامنىڭ كېنىزىكى بىلەن بىللە بولدۇڭ؟ ــ دېدى.
ئىلىياس ئاھابقا بولسا: ــ چىقىپ يەپ-ئىچكىن. چۈنكى قاتتىق يامغۇرنىڭ شالدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا، ــ دېدى.
ئۇلار كۆڭلىدە: «ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى، يەنى ئاۋۋالقى ھەم كېيىنكى يامغۇرلارنى بەرگۈچى، بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەيمىنەيلى» دېگەننى ھېچ دېمەيدۇ.
سەن ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىسەن؛ سەن ۋە سېنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىڭ، ساڭا ھەمراھ بولغان ئەللەر يىقىلىسىلەر؛ مەن سېنى بارلىق يىرتقۇچ ئۇچار-قاناتلارغا گۆش، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوۋ بولۇشقا تەقدىم قىلدىم.
چارپايلار شۇنداق ھۆركىرىشىپ كەتتى! كالا پادىلىرى پاتىپاراق بولدى، ئوتلاقنى تاپالمىغاچ؛ قوي پادىلىرىمۇ ئۆزى «گۇناھىمىز بار» دېگەندەك مەيۈسلەندى؛
پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار؛ پەرۋەردىگار چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىرىگە ئېتىزدا ئوت-چۆپلەرنى بېرىدۇ.