TSK

TSK · سامۇئىل «2» 21:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەتىسى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە ناھايىتى ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلدىڭلار. ئەمدى مانا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن؛ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرەلەيمەنمىكىن، ــ دېدى.

ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇناھ قىلسا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن رەھىم سورىسا بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىيەلەيدۇ؟ ــ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى.

ئىسرائىلنىڭ تىنچ ۋە مۆمىن بەندىلىرىدىن بىرىمەن؛ سىلى ھازىر ئىسرائىلدىكى ئانا كەبى چوڭ بىر شەھەرنى خاراپ قىلىۋاتىدىلا؛ نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىنى يوقاتماقچى بولىلا؟ ــ دېدى.

ــ مەن ئەمدى نېمىنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگار ئالدىغا كېلىمەن؟ نېمەم بىلەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى خۇدانىڭ ئالدىدا ئېگىلىمەن؟ ئۇنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، بىر يىللىق موزايلارنى ئېلىپ كېلەمدىم؟

چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى گۇناھلارنى ھەرگىز ئېلىپ تاشلىيالمايدۇ.