مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ قەبىھلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ ساۋاق-دۇمبالاشلىرى بىلەن تەربىيە بېرىمەن.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:34
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
چۈنكى مەن: ئۆزگەرمەس مۇھەببەت مەڭگۈگە تىكلىنىپ ماڭىدۇ، سەن ھەقىقەت-ساداقىتىڭنى ئەرشىئەلادا مۇستەھكەملەۋاتىسەن ــ دەپ بىلدىم؛
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاڭلاڭلار، جېنىڭلار ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛ ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزۈپ بېرىمەن: ــ شۇ ئەھدە ــ داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەردۇر!
مەن ياقۇپنىڭ نەسلىدىن ۋە داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى تاشلايدىغان بولىمەن، شۇنىڭدەك ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ نەسلى ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈش ئۈچۈن [داۋۇتنىڭ] نەسلىدىن ئادەم تاللىمايدىغان بولىمەن! چۈنكى بەرھەق، مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىمەن.
ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا پادىچىسى بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ.
شۇ كۈنى مەن داۋۇتنىڭ يىقىلغان كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن، ئۇنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىمەن؛ ئۇنى خارابىلىكتىن ئوڭشاپ، ئەينى زاماندىكى پېتىدەك قۇرىمەن.
لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى.