مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇ كۈنى زور بېسىم ئاستىدا قالدى. چۈنكى سائۇل ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالمىغۇچە كەچ بولۇشتىن ئىلگىرى تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقتىن ھېچكىم تائام يېمىدى.
ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولسۇن، تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ.
لېكىن ئەيسا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەردى. باش كاھىن ئۇنىڭغا: ــ [مەڭگۈ] ھايات بولغۇچى خۇدا بىلەن سېنىڭ قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەنكى، بىزگە ئېيت، خۇدانىڭ ئوغلى مەسىھ سەنمۇ؟» ــ دېدى.
يۇھاننا ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى.
ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن!