كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە، ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛ مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:41
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى.
سىمون پېترۇس [كېمىگە] چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى.
بۇ سۆزلەر ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك قاتتىق تەگكەن بولۇپ ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا روسۇللاردىن: ــ ئى قېرىنداشلار، ئۇنداقتا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى.
لېكىن جار قىلىنغان سۆز-كالامنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ئېتىقاد قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.
ئەللەردىكىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشۇپ رەبنىڭ سۆز-كالامىنى ئۇلۇغلاشتى؛ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد قىلدى.
ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار.