بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ،
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:27
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
روسۇللارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاماقخانىغا قامىدى.
بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
ئاخىردا، بىر قىسىم يات ئەللىكلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا (ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە) روسۇللارنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىش قۇتراتقۇلۇقى باش كۆتۈردى.
بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق [كېڭەشمىسىگە] تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى.
ئەمما گاللىيو ئاخايا ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ گاللىيونىڭ «سوراق تەختى»نىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن: بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قايىل قىلىۋاتىدۇ! ــ دەپ شىكايەت قىلدى.
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى.