TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:34

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەمدى بەزىلەر بۇنى دەپ ۋارقىرىسا، بەزىلەر ئۇنى دەپ ۋارقىرىشىپ، پۈتۈن سورۇن ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى؛ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.

مىڭبېشى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلىۋىدى، خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى.

چۇقان-سۈرەن تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، مىڭبېشى [يەھۇدىيلارنىڭ] پاۋلۇسنى تارتىشتۇرۇپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، قىسىمغا زالغا چۈشۈپ ئۇنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى.

ئەتىسى، ئاتلىق لەشكەرلەر پاۋلۇسنى ئېلىپ مېڭىشقا قالدۇرۇلۇپ، قالغان لەشكەرلەر [يېرۇسالېمدىكى] قەلئەگە قايتىپ كەلدى.