رەب ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:39
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
خەت بولسا ئۇلارغا تاپشۇرۇلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: ــ «ئى ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيەدە تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك قېرىنداشلار، ــ [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلىرىڭلاردىن، روسۇللار بىلەن ئاقساقاللاردىن سىلەرگە سالام!
بىراق پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: ــ بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار ھازىر بىزنى يوشۇرۇنچە قوغلىماقچىمۇ؟ ياق، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ! ئەمەلدارلار ئۆزلىرى كېلىپ بىزنى چىقارسۇن! ــ دېدى.
ــ مەن بىر يەھۇدىي، كىلىكىيەدىكى تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم؛ لېكىن بۇ شەھەردە بېقىپ چوڭ قىلىندىم، گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم. مەن سىلەرنىڭ بۈگۈن بولغىنىڭلارغا ئوخشاش، خۇدا يولىغا ئىنتايىن قىزغىن ئىدىم.
ئۇشبۇ ئادەمنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ، قىسىمنى باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم.
بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار.