ئاندىن ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەم قولىغا داپنى ئالدى، بارلىق قىز-ئاياللارمۇ قولىغا داپ ئېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:9
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيا كاھىن، ئاھىكام، ئاكبور، شافان ۋە ئاسايالار خارخاسنىڭ نەۋرىسى، تىكۋاھنىڭ ئوغلى كىيىم-كېچەك بېگى شاللۇمنىڭ ئايالى ئايال پەيغەمبەر ھۇلداھنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ئۇ يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئىككىنچى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى.
ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛
ــ «خۇدا مۇنداق دېدى: «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛
ئەمما نىكاھلانمىغانلار توغرۇلۇق رەبدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالمىدىم؛ شۇنداقتىمۇ رەبدىن بولغان رەھىم-شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغانلىقىم ئۈچۈن سادىق ئادەم سۈپىتىدە ئۆز پىكرىمنى ئېيتىمەن.
شۇڭا، [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.