TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇ كۈمۈشنى تاۋلىغۇچى ھەم ئېرىغدىغۇچىدەك تاۋلاپ ئولتۇرىدۇ؛ لاۋىينىڭ بالىلىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھەققانىيلىقتا قىلىنغان قۇربانلىق-ھەدىيەنى سۇنىدۇ.

ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ

مۇقەددەس پەيغەمبەرلەر بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرگە ۋە رەببىمىز ھەم قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ روسۇللىرىڭلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۆتۈنىمەن.

پەرىشتە ماڭا: ــ بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ــ دېدى.