ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى.
TSK
TSK · دانىيال 1:17
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن.
پۈتكۈل ئىسرائىل پادىشاھنىڭ قىلغان ھۆكۈمى توغرىسىدا ئاڭلىدى ۋە ئۇلار پادىشاھتىن قورقتى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈملەرنى چىقىرىش دانالىقىنىڭ ئۇنىڭدا بارلىقىنى كۆردى.
ئەمدى سەن ماڭا بۇ خەلققە يېتەكچىلىك قىلغۇدەك دانالىق ۋە بىلىم بەرگەيسەن؛ ئۇنداق بولمىسا سېنىڭ مۇنچىۋالا چوڭ بۇ خەلقىڭگە كىم ھۆكۈم سۈرەلىسۇن؟ ــ دېدى.
خۇدا بەرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر بىلەن يورۇتۇلغان زەكەرىيا ئۇززىياغا تەلىم بەرگەچكە، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا خۇدانى ئىزدىدى؛ ۋە ئۇ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەن كۈنلەردە خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى راۋان قىلدى.
ئەمرلىرىڭ ھەردائىم مەن بىلەن بىللە تۇرغاچقا، مېنى دۈشمەنلىرىمدىن دانا قىلىدۇ؛
چۈنكى ئۇ ئۆز نەزىرىگە ياقىدىغان ئادەمگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىقنى ئاتا قىلىدۇ؛ بىراق گۇناھكار ئادەمگە ئۇ مال-مۈلۈك يىغىپ-توپلاشقا جاپالىق ئەمگەكنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يىغىپ-توپلىغىنىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى بولغانغا تاپشۇرىدىغان قىلىدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.
مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن؛ ھېچقانداق سىر سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛
ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ.
بابىلدىكى بارلىق دانىشمەنلەرنى ئالدىمغا چاقىرىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرىشىنى بۇيرۇدىم.
پادىشاھلىقلىرىدا بىر كىشى بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار، ئاتىلىرى تەختتىكى ۋاقتىدا، بۇ كىشىدە يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئەقىل-پاراسەت، يەنى ئىلاھلارغا خاس ئەقىل-پاراسەت نامايان قىلىنغانىدى. ئاتىلىرى نېبوقادنەسار، يەنى پادىشاھ ئاتىلىرى ئۇنى پۈتۈن رەمچى-پالچىلار، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن.
ــ سەن توغرۇلۇق خەۋىرىم بار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى، شۇنداقلا يورۇقلۇق، دانالىق ۋە ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەت بار ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم.
پادىشاھ بەلشازار تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، مەنكى دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم.
چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن.
ئۇنى بارلىق جەبىر-جاپالاردىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلدى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر، ئوردىسىغا باش غوجىدار قىلدى.
ئەمما ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەربىرىگە روھنىڭ نامايان بولۇشى بېغىشلىنىدۇ.
بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.