مېيىپ بولغان ھەرقانداق كىشى ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن ــ ياكى كور بولسۇن، توكۇر بولسۇن، پاناق بولسۇن ياكى بىر ئەزاسى يەنە بىر جۈپىدىن ئۇزۇن بولغان ئادەم بولسۇن،
TSK
TSK · دانىيال 1:4
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
گىدېئون زەباھ ۋە زالمۇننانى سوراق قىلىپ: ــ سىلەر ئىككىڭلار تابوردا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ساڭا ئىنتايىن ئوخشايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى شاھزادىدەك ئىدى، ــ دېدى.
ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛ پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار.
بۇ تۆت يىگىتنى بولسا، خۇدا ئۇلارنى ھەرخىل ئەدەبىيات ۋە ئىلىم-مەرىپەتتە دانىشمەن ۋە ئۇقۇمۇشلۇق قىلدى. دانىيالمۇ بارلىق غايىبانە ئالامەتلەر بىلەن چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكە پاراسەتلىك بولدى.
شۇڭا پادىشاھ رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز، جادۇگەر ۋە كالدىي مۇنەججىملەرنى چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشكە چاقىرىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار كېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى.
كالدىيلەر پادىشاھقا جاۋابەن: ــ دۇنيادا ئالىيلىرىنىڭ سورىغان ئىشىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچبىر ئادەم يوقتۇر. ھېچقانداق پادىشاھ، ئۇنىڭ قانداق ئۇلۇغ ياكى كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رەمچى-پالچى، پىر-ئۇستاز ياكى كالدىي مۇنەججىملەرگە مۇنداق تەلەپنى قويغان ئەمەس.
ئۇ چاغدا، بەزى كالدىيلەر ئالدىغا چىقىپ يەھۇدىيلار ئۈستىدىن ئەرز قىلدى.
پادىشاھ قاتتىق ۋارقىراپ، پىر-ئۇستازلار، كالدىيلەر ۋە مۇنەججىملارنى چاقىرىشنى بۇيرۇدى. بابىلدىكى دانىشمەنلەر كەلگەن ھامان پادىشاھ ئۇلارغا: ــ كىمكى تامدىكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ مەنىسىنى ماڭا دەپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيگۈزۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىلىپ، پادىشاھلىقتا ئۈچىنچى مەرتىۋە بېرىلىدۇ، ــ دېدى.
مۇسا مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئالاھىدە يېقىملىق بالا بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي بېقىلدى.
شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.