TSK

TSK · دانىيال 10:12

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ــ مانا بۇ سىلەرگە بىر ئەبەدىي قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن: ــ ھەر يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار بولسۇن شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك.   

يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ.  

يۈرىكى ئاغقانلارغا: ــ «چىڭ تۇرۇڭلار! قورقماڭلار! مانا، خۇدايىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار؛ قىساس كېلىدۇ ــ خۇدانىڭ ھېساب ئېلىش كۈنى كېلىدۇ! ئۇ ئۆزى كېلىدۇ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ!» ــ دەڭ!

قورقما، سەن قۇرت بولغان ياقۇپ، ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى! مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى.

ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا، مەن ئىجابەت قىلىمەن؛ ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا، مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن.

مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ،

ئۇ چاغدا مەنكى دانىيال تولۇق ئۈچ ھەپتە ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتۇم.

ۋە: ــ ئى ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم، قورقما! ساڭا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي. غەيرەتلىك بول، ئەمدى غەيرەتلىك بول! ــ دېدى. ئۇ شۇ سۆزنى دېيىشى بىلەنلا ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: ــ تەقسىر يەنە سۆز قىلغايلا، چۈنكى سىلى ماڭا ماغدۇر كىرگۈزدىلا، ــ دېدىم.

ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، ــ دېدى.  

بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.   

بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن.

بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇ غايىبانە بىر كۆرۈنۈشتە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: ــ كورنىلىي! ــ دەپ چاقىردى.

ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۈستۈمگە تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى: ــ قورقما، ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى