TSK

TSK · دانىيال 10:14

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەمدى مەن ئۆز خەلقىمگە قايتىمەن؛ كەلسىلە، مەن ئۆزلىرىگە بۇ خەلقنىڭ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا سىلىنىڭ خەلقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى.

ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن».

سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك خەلقىم ئىسرائىلغا قارشى چىقىسەن ــ بۇ ئاخىرقى زامانلاردا بولىدۇ ــ مەن سېنى ئۆز زېمىنىمغا قارشىلىشىشقا چىقىرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ مەن سەن ئارقىلىق، ئى گوگ، ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكەندە، ئۇلار مېنى تونۇيدۇ».

ساڭا ئايان قىلىنغان، ئاخشامدىن ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقان بۇ غايىبانە ئالامەت ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. لېكىن سەن ئۇنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇت. چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدىدۇر».

قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ.

بىراق ئاخىرقى زاماندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلىكتىن ئۈستۈن قىلىنىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ.  

ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ.