ئاندىن چېگرا ئازموندىن بۇرۇلۇپ مېڭىپ، مىسىر ئېقىنىغا بارىدۇ ۋە دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.
TSK
TSK · دانىيال 11:45
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئاخىر زامانلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ، ھەممە دۆڭ-ئېگىزلكتىن ئۈستۈن قىلىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ.
سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن، تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛ مەن جامائەتنىڭ تېغىدا، يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛
مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، يېتكىلەپ، سېنى شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن چىقىرىمەن، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە تاجاۋۇز قىلدۇرىمەن؛
ئاندىن خۇدانىڭ سوتى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىدۇ.
شىمالدىكى تاجاۋۇزچى بولسا ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ «گۈزەل زېمىن»نى ئىشغال قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ.
ھەم شىمالدىن كەلگۈچىنى سىلەردىن يىراق قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدى قىسمىنى شەرقىي دېڭىزغا، كەينى قىسمىنى غەربىي دېڭىزغا قوغلىۋېتىمەن؛ ئۇنى چۆل بىر زېمىنغا ھەيدىۋېتىمەن؛ ئۇنىڭ سېسىقلىقى پۇراپ تۇرىدۇ، پاسىق ھىدى چىقىدۇ؛ چۈنكى ئۇ «چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچىمەن» دەپ ئۆزىنى ئۇلۇغ قىلماقچى بولىدۇ.
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ھاياتلىق سۇلىرى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ؛ يازدا ۋە قىشتا شۇنداق بولىدۇ.
ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
مەن كۆردۈمكى، مانا بىر پارچە ئاق بۇلۇت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسى ئولتۇراتتى.
پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى.