TSK

TSK · دانىيال 11:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى مەن ئۇ كېچىسى مىسىر زېمىنىنى كېزىپ ئۆتىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىدا مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركىكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىرنىڭ بارلىق بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىڭلار ۋە ئاشەراھلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ ئىلاھلىرىنىڭ ئويما مەبۇدلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئىسىم-ناملىرىنىمۇ شۇ يەردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك.

فىلىستىيلەر ئۇ يەردە ئۆز مەبۇدلىرىنى تاشلاپ كەتتى؛ داۋۇت بىلەن ئادەملىرى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى.

ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

مەن مىسىردىكى بۇتلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت ياقتۇرغۇزىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ، بۇتلىرىنى ئېلىپ سۈرگۈن قىلىدۇ؛ قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ؛ ئۇ شۇ يەردىن ئامان-ئېسەن چىقىدۇ.

رەب يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھۇياكىمنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ئەسىرلەرنى شىنار زېمىنىغا، ئۆزى چوقۇنىدىغان مەبۇدنىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە بۇلاپ كەلگەن قاچا-قۇچىلارنى بۇتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويدى.

شۇ نەرسە ئىسرائىلدىن چىققانغۇ ــ ئۇنى بىر ھۈنەرۋەن ياسىغان، خالاس؛ ئۇ خۇدا ئەمەس؛ سامارىيەنىڭ موزىيى دەرۋەقە پارە-پارە چېقىۋېتىلىدۇ!

[ئەفرائىم] قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ، شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ چۆل-باياۋاندىن چىققان بىر شامىلى كېلىدۇ؛ [ئەفرائىمنىڭ] بۇلىقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بېشى قاغجىراپ كېتىدۇ؛ ئۇ [شامال] خەزىنىسىدىكى بارلىق نەپىس قاچا-قۇچىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ.