TSK

TSK · دانىيال 2:40

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

يۇتا-پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتى تۆمۈر بىلەن لاينىڭ ئارىلاشمىسىدىن ياسالغان.

مەن باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان تۆتىنچى مەخلۇق، يەنى زور قورقۇنچلۇق، تۆمۈر چىشلىق، مىس تىرناقلىق، ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، ئاندىن قالدۇقلىرىنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيدىغان ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى،

ئۇنىڭ كۈچى خېلى زور بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ كۈچ ئۆزلۈكىدىن چىقمايدۇ؛ ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى جەزمەن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ۋە [خۇدانىڭ] مۇقەددەس مۆمىن خەلقىنى يوقىتىدۇ.

شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ.

ئۇنىڭغا شۇنداق يول قويۇپ بېرىۋەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! ــ دېيىشتى.